نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : خەۋەر مەركىزى

ۋىلايەت رەھبىرى ئەترەت باشلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى

يوللانغان ۋاقىت : 2017 - يىلى 09 - ئاينىڭ 06 - كۈنى ، سائەت16:36    كۆرۈش :  

 

مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھەممەت ساۋۇت 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇقتۇرماسلىق، ئالدىن دەپ قويماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ھەمراھ ئالماسلىق، بىۋاستە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، بىۋاسىتە نەق مەيدانغا بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان باغچىسى، گاز قاچىلاش پونكىتى، كارخانا، تاللا بازىرى قاتارلىق ئادەم كۆپ سورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى.

 

شۇ كۈنى مەھەممەت ساۋۇت ئاقسۇ دولان دەرياسى شارقىراتما باغچىسى، ئاقسۇ شەھىرى دۆلەت يولى 314 ـ لىنىيەسىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتى، شىنجاڭ جيالىن ۋەنجيا ياغاچچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي سانائەت رايونىدىكى مەلۇم تاش ـ شېغىل قېزىش مەيدانى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي كىچىك كوچىسىدىكى راۋا تاللا بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى تولۇقمۇ ـ ئەمەس؟ خىزمەتچىلەرنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردىمۇ ـ يوق؟ بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى راۋانمۇ ـ ئەمەس؟ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە چوڭ تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قانداق؟ دېگەندەك مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ئەستايدىل تەكشۈردى. ئۇلار بارغانلا يەردە بايقىغان يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ۋە تۈزىتىش پىكرىنى كارخانىلارغا ئۇقتۇردى ھەم دەرھال تۈزىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 

ئاقسۇ دولان دەرياسى شارقىراتما باغچىسىدا، مەھەممەت ساۋۇت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش دوكلاتى، كۈندىلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئەسلىھەلەر بىزىندىسى ۋە قوغدىنىش تەدبىرىنى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئالدىدىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، «سىلەرنىڭ بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىڭلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش دوكلاتى بارمۇ ـ يوق؟ قانچىلىك ۋاقىتتا بىر تەكشۈرىسىلەر؟» دەپ سورىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ باغچىغا يېڭى ئەسلىھە ئورنىتىلىۋاتقان بولۇپ، مەھەممەت ساۋۇت قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئۈنۈملۈك ئايرىش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ ئېگىز بوشلۇقتا بىخەتەرلىك ئارغامچىسى ئىشلەتمەي ۋە بىخەتەرلىك قالپىقى‌ كىيمەي مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.

 

مەھەممەت ساۋۇت مۇنداق دېدى: باغچا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم ساياھەتچىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىكتىكى 1 ـ مەسئۇل كىشى بولۇش بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى قەرەلىدە تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىكتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك. بىخەتەرلىك بويىچە ئەسكەرتىپ، ساياھەتچىلەرگە بېلەت سېتىۋېلىش ۋە ئويۇنچۇقلارغا چىقىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

 

مەھەممەت ساۋۇت بارغان ھەربىر كارخانىدىن مىللەتلەرنىڭ بىللە ئىشلەش، بىللە تۇرۇش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانا بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى، بولۇپمۇ كەچلىك مەكتەپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇ خىزمەتچىلەرنى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىگە دۆلەت تىلى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا تېخنىكا ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتى كۈچ بېغىشلاشنى تەلەپ قىلدى.

 

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىي سانائەت باغچا رايونىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر لىققىدە قۇم ـ شېغىل بېسىلغان، شوپۇرسىز چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول بويىدا توختىتىلىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار بۇ ئاپتوموبىللارغا قارايدىغان ئشىچىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ ئاپتوموبىللارغا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىلغان، يوشۇرۇن خەۋپ بار، دەپ قارىدى. ئارقىدىن تەكشۈرۈپ گۇرۇپپسىدىكىلەر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، قۇم ـ شېغىل قېزىش نەق مەيدانىغا باردى، بۇ يەردە بىر كۈرەكلىك ئېلېۋاتور قۇم ـ شېغىللارنى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئۇسىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا‌ لىق قۇم ـ شېخىل بېسىلغان ئاپتوموبىل توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. ئۇلار سوراش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرى تىجارەت شىركىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە قۇم ـ شېخىل قېزىش ئىجازەتنامىسى يوق ئەھۋال ئاستىدا، قانۇنسىز ھالدا قۇم ـ شېخىل قازغانلىقىنى بايقىدى. مەھەممەت ساۋۇت ئالاقىدار خادىملاردىن دەرھال قېزىش خىزمىتىنى توختىتىپ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

مەھەممەت ساۋۇت ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تىجارەتچىلەردىن «يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئۆزى ھادىسە » دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىناق، مۇقىم بىخەتەر مۇھىت يارىتىشنى؛ دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيتىنى ھەربىر ھالقىغىچە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى قەتئىي بوش قويىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ۋىلايەت بۇ قېتىملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بايقالغان يوشۇرۇن خەۋپ مەسلىلىرىگە قارىتا، ئىشنى قىلچىمۇ كېچىكتۈرمەسلىك پوزىتسىيەسى بىلەن قەتئىي تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ مەسلىسىگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلغان كارخانىلارغا «تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى» تارقىتىدۇ. ئۇنىڭىن باشقا يەنە قانۇن ئىجراچىلىرى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىكتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ھەققىي تۈگىتىدۇ.

 

 

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号